作者: izharjan

  • كۆڭۈل ئىزھار قىلىش ئەپچىسى

    كۆڭۈل ئىزھار قىلىش ئەپچىسى

    بۇ بولسا ئىزھار تەرىپىدىن ھەقسىز تارقتىلغان مۇھاببەتكە كۆڭۈل ئىزھار قىلىشتا ئىشلىتتىلدىغان بىر بەت بولاپ كۆڭۈل ئىچىش تۈرىدىكى بىر ئەپچاق،؛ازىم بولسا چۈشۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ،تىلى خەنزۇچە~

  • ۋوردپىرىس يازما ھاسىللاش قىستۇرمىسى

    ۋوردپىرىس يازما ھاسىللاش قىستۇرمىسى

    مىنىڭ ۋوردپىرىسقا ئىشتىياق باغلاپ ئۇنى بۇنى قىلىپ كىلىۋاتقىنىمنى ئۈزچاتتا ياشاۋاتقان قادىي غوجاملارنىڭ ھەممىسى ئاساسەن بىلىشىدۇ…
    بۈگۈنمۇ ئۆزۈم ئىجاد قىلغان نەق شۇندا پەيزى قىستۇرمىدىن بىرنى تونۇشتۇرماقچىمەن،بۇ بولسا دېپسېكتىن پايدىلىنىپ ۋوردپىرىسقا ئاپتۇماتىك يازما يازىدىغان بىر ئوقەت،بۇنىڭدا بىز دېپسېك ئورگان تەرەپكە جىيكو ئىلتىماس قىلىپ ئىشلىتمىز…
    ئۈستىدىكى رەسىمدىكى كۆرسىتىلگەندەك سىز پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ api key نى كىرگۈزسىڭىزلا باشقا تەڭشەيدىغان يەلىرى يوق،قالدى يەرلىرىنى ئۆلچەملىك تەڭشەپ قويغان شۇ ھالەتتە چىقىدۇ؛
    ئاندىن يازما يىزىش بىتىگە كىرسەك ئەۋەدە بىر كونۇپكا پەيدا بولىدۇ شۇنى بىسىپ يازما تەلەپ قىلساق بولىدۇ،بىز بۇ يەردە يازمىنىڭ تىلىنى،ئۇسلۇبىنى ۋە خەت سانىنى تاللاپ بەلگىلەيەلەيمىز(ھازىر دۆلەت تىلى،ئۇيغۇر تىلى  قاتارلىقلارنى كىرگۈزۈپ قويدۇم)؛
  • رەسىمچى دەمتۇقا بۇنى….

    رەسىمچى دەمتۇقا بۇنى….

    مەلۇم بىر خىرىدارنىڭ تەلىپى بىلەن ئەي ئاي دىن پايدىلىنىپ رەسىم ھاسىللاش ئىقتىدارىدىن بىژنى ئەپچاققا قوشماقچى بولدۇم شۇنداقلا تەمىنلىگەن ئىغىزغا چوقۇم ئىنگىلىسچە خەت يازغاندا ئاندىن رەسىم ھاسىللاپ بىرەلەيدىغانلىقىنى بىلدىم،قانداق بىر تەرەپ قىلىش كىرەك؟
    ھەل قىلىشنىڭ ئاددىي چارىسى شۇ ئاۋال ئۇيغۇرچىنى ئەجنەبىيلەرنىڭ تىلىغا تەرجىم قىلىپ بولغاندىن كىيىنكى نەتىجىنى رەسىم ھاسىللاش ئىغىزىغا ئەۋەتىش~
    مەسىلە شۇنىڭ بىلەن ھەل بولدى…خىلى ئەقىللىقكەنمە ھە مەن 
    شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىقتىدارنىڭ ئىسمىنى رەسىمچى دەمدۇق؟ ئىنكاس رايونىدا ئۇنى بۇنى دىيشىپ باقىلى….
  • يېڭى ئەپ ناخشا چۈشۈرگۈچ

    يېڭى ئەپ ناخشا چۈشۈرگۈچ

    ۋاڭيىدىكى ناخشىلارنىڭ چۈشۈرۈش ئەھۋالىغا كەلسەك ھەممىمىزگە مەلۇم، ۋاڭيىدا ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان ناخشىلارنىڭ ھەممىسىنى ئايلىق ئەزا بولماي تۇرۇپ خالىغانچە چۈشۈرگىلى بولمايدۇ .

     بۈگۈن سىلەرگە ئېلىپ كەلگىنىم بولسا ، ۋاڭيىدىكى ھەر قانداق ناخشىنى خالىغانچە يانفوننىڭ ئۆزىگە چۈشۈرۈش دېتالى . ئىشلەتكۈچى ۋاڭيىدىكى ياقتۇرغان ناخشىنىڭ ئادرېسنى كۆچۈرۈپ بۇ دېتالغا كىرگۈزگەندىن كېيىن ، يېشىش كۇنۇپكىسىنى چەككەندىن كېيىن ناخشا ئاپتۇماتىك چۈشۈرۈش ھالىتىگە ئۆتىدۇ، سىز پەقەت چۈشۈرۈش دېگەن كۇنۇپكىنى باسسىڭىزلا ، ئەڭ تېز سۈرەتتە يانفونىڭىزغا چۈشىدۇ .

  • قالتىس بىر تۈر قانداق تاماملىنىدۇ

    قالتىس بىر تۈر قانداق تاماملىنىدۇ

    خېرىدار 
    مۇشۇ دەريادىن ئۆتەلەيدىغان كېمە بولسىلا بولىدۇ

    izhar博客

    مەھسۇلات دېرىكتورى
     بىز تۆۋەندىكىدەك ھەل قىلىش چارىسى تەمىنلىيەلەيمىز

    izhar博客

    شۇنىڭ بىلەن باش ئېنجىنىر تۈر تەلىپىنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ، تۈر خەرىتىسىنى تەييار قىلدى

    izhar博客

    تۈر ئېچىش دېرىكتورى تۈرنى كونكىرت پارچىلاپ بۆلەكلەرگە بۆلۈپ چىقتى

    izhar博客

    تېخنىكا دېرىكتورى باھالاش ئارقىلىق بۇ تۈرگە 1.5 يىل ۋاقىت كىتىدىغانلىقىنى ئىيىتتى

    izhar博客

    لوبەن
     «بازار بىزنى ساقلاپ تۇرمايدۇ، ئاۋۋال نېمىلا بولسۇن بىر نىمە ئېلان قىلايلى، كېيىنكى نەشىرلىرىدە ئەلالاشتۇرۇش ئېلىپ بارىمىز.» ئاچقۇچىلار ئەتىرىتىگە 1 ئاي ۋاقىت بېرىمەن، ئىشنى چوقۇم تاماملىشىڭلار كىرەك.

    izhar博客

    شۇنىڭ بىلەن ئاچقۇچىلار ئەتىرىتى لايىھەنى قايتىدىن تۈزۈپ، كود يېزىشنى باشلاپ كەتتى

    izhar博客

    سىناش ئەتىرىتى دەسلەپكى قەدەملىك سىناش باسقۇچىغا كىرىشتى

    izhar博客

    سىناش ئەتىرىتى ئاخىرقى قەدەملىك سىناش باسقۇچىغا ئۆتتى

    izhar博客

    تۈر ئاخىرى مۇۋەپپەقيەتلىك ھالدا پۈتۈپ ئېلان قىلىندى

    izhar博客

    تۈر رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ يۈرۈشۈشكە باشلىدى

    izhar博客

    لىكىن جاپا تۈرنى ئاسراش، يۈرۈشتۈرۈشكە مەسئۇل ئەترەتكە قالدى

    izhar博客

    بازار ئېچىش بۆلۈمى سىرتقا قارىتا بۇ تۈرنىڭ مۇۋەپپىقىيىتىنى تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى

    izhar博客

    شۇنىڭ بىلەن قالتىس بىر تۈر تاماملاندى.
    ◇◇◇ 
    Follow LearnFans

     

  • ئەپچاقتا كىرىمىڭىز ئازلاپ قىلىۋاتامدۇ؟

    ئەپچاقتا كىرىمىڭىز ئازلاپ قىلىۋاتامدۇ؟

    ئۈندىدار ئەپچىسى ئاچقاندا ،ئابونىتلارنىڭ ئىشلىتىش جەريانىدىكى ھىس تۇيغۇسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە، قانداق قىلىپ مۇشۇنىڭ ئۆزىدىن قىممەت يارىتىش مەڭگۈلۈك بىر تېما!بۈگۈن بىز بىر بۆلەك كود ئارقىلىق ئىشلەتكۈچىنىمۇ بىزار قىلمايدىغان ،ھەمدە ئەپچاق ئىگىسىگىمۇ كىرىم بولىدىغان ئۇسۇلنىڭ، سېرلىق چۈمبىلىنى ئاچىمىز!

    1. ئىقتىدار ئارقا كۆرۈنۈشى

    نۇرغۇن ئۈندىدار ئەپچاقلاردا قىسمەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئىقتىدارلارنى ئابونتلار ھەق تۆلىشى ياكى ئالاھىدە ۋەزىپىلەرنى تاماملىغاندىلا ئاندىن نورمال ئىشلەتكىلى بولىدۇ.بۇنىڭ ئىچىدە رىغبەتلەندۈرۈش ئېلانى كۆپ ئۇچرايدىغان قۇلۇپنى ئېچىش ئۇسۇلى ،بۇنىڭدا ئىشلەتكۈچىلەر بىر بۆلەك سېنلىق ئېلاننى تولۇق كۆرۈش ئارقىلىق ئىقتىدارنى ھەقسىز ئىشلىتىش پۇرسىتىگە ئىرىشەلەيدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل ھەم ئابونتلارنىڭ ئىشلىتىش شەرتىنى تۆۋەنلىتىدۇ، ھەم ئاچقۇچىلارغا ئېلان پايدىسى ئېلىپ كېلىدۇ.

    2. تېخنىكىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇش
    1. بۇفېرنى تەكشۈرۈش مېخانىزمى (查询缓存) ئارقىلىق ئىشلەتكۈچى ئەپچاقنى ئاچقاندا، سىستېما شۇ ئابونىتنىڭ ئۈسكۈنىسىدىكى بۇفېرلىق ساقلىغۇچتا، قۇلۇپ ئېچىش بەلگىسىنىڭ (shareMD)مەۋجۇت ياكى مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى تەكشۈرىدۇ. ئەگەر ئىشلەتكۈچى ئىلگىرى ئېلان كۆرۈش ئارقىلىق مەزكۇر ئىقتىدارنى ئىشلەتكەن بولسا ھەمدە تېخى باشقۇرغۇچى يول قويغان ۋاقىت ئىچىدە بولسا، يۇقارقى ئىقتىدارنى بىۋاسىتە كۆرسىتىدۇ؛ بولمىسا، قۇلۇپنى ئېچىش كۇنۇپكىسىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئىشلەتكۈچىنى ئىلان كۆرۈشكە يىتەكلەيدۇ.

    checkShareMD() {
    const shareMD = uni.getStorageSync('shareMD');
    this.shareMD = shareMD || 0; // 更新 shareMD 状态
    }

    3.رىغبەتلەندۈرۈش ئېلانى

    ئۈندىدار ئەپچىسى تەمىنلىگەن createRewardedVideoAd API ئارقىلىق،ئەپچاق ئاچقۇچىلار ئۆزىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈش ئىلانىنى قۇرسا بولىدۇ.
    ئاستىدا بىرىلگەن كود بۆلىكىدىكى ئىقتىدارلار تۆۋەندىكىچە:

    ئېلان يۈكلەنگەندىن كىيىنكى ئىنكاس.

    ئېلان يۈكلەش مەغلۇپ بولغاندىن كىيىنكى خاتالىقنى بىر تەرەپ قىلىش.

    ئىشلەتكۈچىنىڭ ئىلاننى مەجبۇرى تاقىۋەتكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىش لوگىكىسى.

    videoAd.onClose((res) => {
    if (res && res.isEnded) {
    uni.setStorageSync('shareMD', 1); // 解锁功能
    this.shareMD = 1; // 更新状态
    uni.showToast({ title: '解锁成功' });
    } else {
    uni.showToast({ title: '请完整观看广告' });
    }
    });

    4. ۋاقىت بۆلىكى خاتىرىسى
    ئشلەتكۈچىلەرنىڭ قۇلۇپنى ئاچقاندىن كىيىنكى ۋاقتىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئۈچۈن، كودتا يەنە ۋاقىت بۆلىكىنى خاتىرىلەش ئىقتىدارى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. ھەر قېتىم ئىشلەتكۈچى قۇلۇپنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاچقاندىن كېيىن، سىستېما نۆۋەتتىكى ۋاقىتنى خاتىرىلەپ، كېيىنكى سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىشقا قولايلىق يارىتىدۇ.

    getCurrentTimestamp() {
      return new Date().getTime();
    }

     

    5. ئىشلەتكۈچىلەرگە ياخشى تەسىر بىرىش.
    ئېلان يۈكلەش مەغلۇپ بولغاندا ياكى ئىشلەتكۈچى ئېلاننى تولۇق كۆرمىگەندە، uni.showToast ئەسكەرتمىسى ئارقىلىق ئىشلەتكۈچىنى ئەسكەرتىپ، ئىشلەتكۈچىنىڭ گاڭگىراپ قېلىشىدىن ساقلىنىدۇ.
    بۇفېرلىق ساقلاش مېخانىزمى.
    ئشلەتكۈچىلەر ئېلاننى پەقەت بىر قېتىم كۆرسىلا ،قۇلۇپنى باشقۇرغۇچى يول قويغان ۋاقىت ئىچىدە ئاچقىلى بولىدۇ، بۇ ئشلەتكۈچىنىڭ ئىشلىتىش تەسىراتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
    مەغلۇپ بولغاندا قايتا سىناش مېخانىزمى.
    ئەگەر ئېلاننىڭ يۈكلىنىشى مەغلۇپ بولسا، سىستېما ئاپتوماتىك ھالدا قايتا سىناپ، ئېلاننىڭ نورمال كۆرسىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

    6. خۇلاسە
    رىغبەتلەندۈرۈش ۋىدىئو ئېلانى بىر خىل قوش پايدا ئېلىش ئەندىزىسى بولۇپ،ئشلەتكۈچىلەر ئاددىي ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش ئارقىلىق ئۆزىگە لازىملىق ئىقتىدارنى ئىشلىتەلەيدۇ، ئەپچاق ئاچقۇچىلار بولسا ئېلان ئارقىلىق پايدىغا ئېرىشىدۇ.ئەپچاق ئاچقۇچىلار ئابونتلارنىڭ ئىشلىتىش تەسىراتىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، سودا قىممىتىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزەلەيدۇ. ئەگەر سىزمۇ ئەپچاق ياكى ئەپ دېتاللارنى تەرەققىي قىلدۇرماقچى بولسىڭىز، بۇ ئەندىزىنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ، بەلكىم سىزگە ئويلىمىغان ئۈنۈم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن !

  • دېپسېك قىتىۋالدىمۇ؟مۇنداق ھەل قىلىڭ

    دېپسېك قىتىۋالدىمۇ؟مۇنداق ھەل قىلىڭ

    چاغان مەزگىلىدە، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن AI چوڭ مودېلى Deepseek ئۈزۈل-كېسىل مودا بولدى، ئوچۇق مەنبەلىك، يۇقىرى ئىقتىدارلىق، ئادەتتىن تاشقىرى تۆۋەن مەشىق تەننەرخى بىلەن «AI ساھەسىدىكى پىندودو» دەپ ئاتالدى.

    Deepseek ئالقىشقا ئېرىشكەندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى زىيارەتچىلەر كۆپەيدى، بۇمۇ Deepseek مۇلازىمېتىرىغا غايەت زور بېسىم ئېلىپ كەلدى. شۇنداقلا Deepseek ئورگان تور بېكىتىدە «مۇلازىمېتىر ئالدىراش، كېيىن قايتا سىناپ بېقىڭ» دىگەندەك ئەسكەرتىشلەرنىڭ دائىم يۈز بىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بۇنداق چاغدا ئوتتەك ئىشتىياق بىلەن بىر ئىشلانى قىلىۋاتقانلارنىڭ قىزغىنلىقىغا سۇ سېپىلگەندەك بىر ئىش بولدى.

    بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، مەن ئۆتكەن بىر نەچچە كۈندە بىر خەزىنە دەرىجىسىدىكى قولايلىق دېتالنى بايقاپ قالدىم . ئۇ Deepseek نىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ چوڭ باش ئاغرىقى بولغان مۇلازىمىتىر ئالدىراش دىگەندەك مەسىلىسىنى ھەل قىلغان بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەرگە يىنىك ئىشلىتىش تەسىراتىنى ئىلىپ كىلىدۇ.

    ئىشلىتىش جەريانىدىكى تەسىراتىمغا ئاساسلانغاندا، بۇ دېتال DeepSeek-R1 671B نىڭ ئارىلاش نۇسخىسى بولۇپ، پارامېتىرى 671 مىليارد ( 671B ) غا يېتىدۇ، بۇ بىر «دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ مېڭە» گە باراۋەر بولۇپ، مۇرەككەپ ماتېماتىكا سوئاللىرى، پروگرامما تۈزۈش، ئۇزۇن تېكىستلارنى ئانالىز قىلىش قاتارلىق قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان ۋەزىپىلەرنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە توردا ئەمەلىي ۋاقىتتا ئىزدەش ۋە چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى قوللايدۇ، ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك.

    بۇ دېتالنىڭ كومپىيۇتىر نۇسقىسى،ئاندىرويىت ۋە ئالما تىلىڧۇن نۇسقىسى شۇنداقلا توربەت نۇسقىسى تولۇق بولۇپ قايسى نۇسقىسىغا ئىھتىياج بولسىڭىز شۇنى تاللاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ!

    DeepSeek,实时联网,支持深度思考和联网搜索;

    网页链接:

    https://www.wenxiaobai.com/chat/200006

     

    APP或桌面客户端下载:

    https://www.wenxiaobai.com/chat/downloadPage

  • مەسىلنى ھەل قىلىش : باۋتا توغرىسىدىكى كۆپ ئۇچرايدىغان مەسلىلەر

    مەسىلنى ھەل قىلىش : باۋتا توغرىسىدىكى كۆپ ئۇچرايدىغان مەسلىلەر

    كۆپ ھاللاردا ۋىيشىندا ياكى توپتا جىق سورۇلدىغان باتا توغرىسىدىكى سۇئالنىڭ بىرسى :

    -ئاداش باۋتارىمنىڭ مىماسىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن قاندا قىلىمىزا؟

    -ئاداش باۋتارىمنىڭ 端口 سىنى بىر ئۆزگەرتكىنىمنى بىلىمە ھىچ ئىچىلمايدۇ،توربەت ئەپچاقلىرىم نورمال بوممىسا قاندا قىلىمىزا؟

    -ئاداش…………………….

    پىقىر بۈگۈن مەخسۇس مۇشۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش توغرىسدا مۇشۇ بىژمىنى يىزىپ ئولتۇردۇم،خوش مەزمۇن يارىغان بوسا ئەڭ ئاستىدا زەنشاڭ قىلدىغان يىرى با ڧۈشىتتىدە نىم قىۋتەمىز…..

    مۇشۇنداق ئەۋاللاردا ئەنسىرەپ كەتمەي ئەڭ ئاۋال مۇلازىمىتىر سودىگىرىنىڭ ئورگان تورىغا كىرىمىز(مەسىلەن مەن ھازىر تىڭشۈننىڭكىنى كۆرسىتىمەن)….

    izhar博客

    كۆرەپ تۇرىۋاتقنىڭىزدەك كونتىرول مەركىزىدىن ئۆزىڭىزنىڭ مۇلازىمىتىرنىڭ ئۇچۇرىنى كۆرەلەيسىز ھەم ئاستىدا ئورتاق تىلدا دىڭلۇ (كىرىش)دەپ بىر خەت با شۇنى باسىمىز؛(ناۋادا مىشەدىكى مىمانى بىلمىسىڭىز ئۈندىدارغا ئايرىم قوشسىڭىز ھەقلىق ياردەم قىلىمەن،چۈنكى پىقىرنىڭمۇ قورسىقى كۈندە ئۈچ قىتىم ئاچىدۇ)بۇنى باسقاندا پارول تەلەپ قىلىدۇ،پارولنى توغرا كىرگۈزۈپ نىم قىغاندىن كىيىن بىر بۇيرۇق تاختىسى كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولىدۇ؛

    sudo bt

    ئاشۇ بۇيرۇق تاختىسىغا ئۈستىدىكى بۇيرۇق كودىنى كىرگۈزگەندىن كىيىن ئاستىدىكى رەسىمدىكىدەك بىژمە پەيدا بولىدۇ؛

    izhar博客

    بۇ تاختىدىكى خەتلەنى مەن ئوقۇپ بەمىسامما ھەممىڭلا چۈشەندىڭلا بۇ يىرى بەك ئاسان پەقەت نىمىش قىماقچى بوساق شۇ ئىش تەۋە بوغان سان ھەرىپنى كىرگۈزۈپ ئىنتىر(بۇيرۇق) كونۇپكىسىنى باسساقلا تاماملىنىدۇ؛

    مەسىلەن: مەن ھازىر باۋتانىڭ دىڭلۇ قىلىدىغان جاڭخاۋنى قايتا بىكىتمەكچى بولسا بۇيرۇق تاختىسىغا 6 رەقىمىنى كىرگۈزۈپ بۇيرۇق قىلىمەندە ئاندىن ماڭا ئاستىدىكىدەك ئۇچۇر قايتىدۇ؛

    izhar博客

    ئاندىن بىز بىكىتمەكچى بولغان جاڭخاۋنى كىرگۈزۈپ ئىنتىرنى باسقاندىن كىيىن بىز بىكىتكەن شۇ ئىسىم بىزنىڭ جاڭخاۋرىمىز بولۇپ ئۆزگىرىدۇ،كىيىن شۇ جاڭخاۋنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ؛باشقا بۇيرۇقلارمۇ مۇشۇ تەرتىپتە بولىدۇ؛

    ئەمىسە خوش

  • B تور بىكىتىدىن سىن چۈشۈرۈش دېتالى

    B تور بىكىتىدىن سىن چۈشۈرۈش دېتالى

    بۇ بولسا بىلى بىلى تور بىكىتىدىن سىن چۈشۈرۈش دېتالى بولۇپ يەككە ۋە كۆپ قىسىملىق سىنلارنى قوللايدۇ!ئەگەر دېتالغا دىڭلۇ قىلسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئىقتىدارلاردىن پايدىلىنالايسىز!

    بىزنى قوللاپ ئىلان چەككەندىن كىيىن دېتالنى چۈشۈرۋىلىڭ