标签: ئىلان

  • ئەپچاقتا كىرىمىڭىز ئازلاپ قىلىۋاتامدۇ؟

    ئەپچاقتا كىرىمىڭىز ئازلاپ قىلىۋاتامدۇ؟

    ئۈندىدار ئەپچىسى ئاچقاندا ،ئابونىتلارنىڭ ئىشلىتىش جەريانىدىكى ھىس تۇيغۇسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە، قانداق قىلىپ مۇشۇنىڭ ئۆزىدىن قىممەت يارىتىش مەڭگۈلۈك بىر تېما!بۈگۈن بىز بىر بۆلەك كود ئارقىلىق ئىشلەتكۈچىنىمۇ بىزار قىلمايدىغان ،ھەمدە ئەپچاق ئىگىسىگىمۇ كىرىم بولىدىغان ئۇسۇلنىڭ، سېرلىق چۈمبىلىنى ئاچىمىز!

    1. ئىقتىدار ئارقا كۆرۈنۈشى

    نۇرغۇن ئۈندىدار ئەپچاقلاردا قىسمەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئىقتىدارلارنى ئابونتلار ھەق تۆلىشى ياكى ئالاھىدە ۋەزىپىلەرنى تاماملىغاندىلا ئاندىن نورمال ئىشلەتكىلى بولىدۇ.بۇنىڭ ئىچىدە رىغبەتلەندۈرۈش ئېلانى كۆپ ئۇچرايدىغان قۇلۇپنى ئېچىش ئۇسۇلى ،بۇنىڭدا ئىشلەتكۈچىلەر بىر بۆلەك سېنلىق ئېلاننى تولۇق كۆرۈش ئارقىلىق ئىقتىدارنى ھەقسىز ئىشلىتىش پۇرسىتىگە ئىرىشەلەيدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل ھەم ئابونتلارنىڭ ئىشلىتىش شەرتىنى تۆۋەنلىتىدۇ، ھەم ئاچقۇچىلارغا ئېلان پايدىسى ئېلىپ كېلىدۇ.

    2. تېخنىكىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇش
    1. بۇفېرنى تەكشۈرۈش مېخانىزمى (查询缓存) ئارقىلىق ئىشلەتكۈچى ئەپچاقنى ئاچقاندا، سىستېما شۇ ئابونىتنىڭ ئۈسكۈنىسىدىكى بۇفېرلىق ساقلىغۇچتا، قۇلۇپ ئېچىش بەلگىسىنىڭ (shareMD)مەۋجۇت ياكى مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى تەكشۈرىدۇ. ئەگەر ئىشلەتكۈچى ئىلگىرى ئېلان كۆرۈش ئارقىلىق مەزكۇر ئىقتىدارنى ئىشلەتكەن بولسا ھەمدە تېخى باشقۇرغۇچى يول قويغان ۋاقىت ئىچىدە بولسا، يۇقارقى ئىقتىدارنى بىۋاسىتە كۆرسىتىدۇ؛ بولمىسا، قۇلۇپنى ئېچىش كۇنۇپكىسىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئىشلەتكۈچىنى ئىلان كۆرۈشكە يىتەكلەيدۇ.

    checkShareMD() {
    const shareMD = uni.getStorageSync('shareMD');
    this.shareMD = shareMD || 0; // 更新 shareMD 状态
    }

    3.رىغبەتلەندۈرۈش ئېلانى

    ئۈندىدار ئەپچىسى تەمىنلىگەن createRewardedVideoAd API ئارقىلىق،ئەپچاق ئاچقۇچىلار ئۆزىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈش ئىلانىنى قۇرسا بولىدۇ.
    ئاستىدا بىرىلگەن كود بۆلىكىدىكى ئىقتىدارلار تۆۋەندىكىچە:

    ئېلان يۈكلەنگەندىن كىيىنكى ئىنكاس.

    ئېلان يۈكلەش مەغلۇپ بولغاندىن كىيىنكى خاتالىقنى بىر تەرەپ قىلىش.

    ئىشلەتكۈچىنىڭ ئىلاننى مەجبۇرى تاقىۋەتكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىش لوگىكىسى.

    videoAd.onClose((res) => {
    if (res && res.isEnded) {
    uni.setStorageSync('shareMD', 1); // 解锁功能
    this.shareMD = 1; // 更新状态
    uni.showToast({ title: '解锁成功' });
    } else {
    uni.showToast({ title: '请完整观看广告' });
    }
    });

    4. ۋاقىت بۆلىكى خاتىرىسى
    ئشلەتكۈچىلەرنىڭ قۇلۇپنى ئاچقاندىن كىيىنكى ۋاقتىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئۈچۈن، كودتا يەنە ۋاقىت بۆلىكىنى خاتىرىلەش ئىقتىدارى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. ھەر قېتىم ئىشلەتكۈچى قۇلۇپنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاچقاندىن كېيىن، سىستېما نۆۋەتتىكى ۋاقىتنى خاتىرىلەپ، كېيىنكى سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىشقا قولايلىق يارىتىدۇ.

    getCurrentTimestamp() {
      return new Date().getTime();
    }

     

    5. ئىشلەتكۈچىلەرگە ياخشى تەسىر بىرىش.
    ئېلان يۈكلەش مەغلۇپ بولغاندا ياكى ئىشلەتكۈچى ئېلاننى تولۇق كۆرمىگەندە، uni.showToast ئەسكەرتمىسى ئارقىلىق ئىشلەتكۈچىنى ئەسكەرتىپ، ئىشلەتكۈچىنىڭ گاڭگىراپ قېلىشىدىن ساقلىنىدۇ.
    بۇفېرلىق ساقلاش مېخانىزمى.
    ئشلەتكۈچىلەر ئېلاننى پەقەت بىر قېتىم كۆرسىلا ،قۇلۇپنى باشقۇرغۇچى يول قويغان ۋاقىت ئىچىدە ئاچقىلى بولىدۇ، بۇ ئشلەتكۈچىنىڭ ئىشلىتىش تەسىراتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
    مەغلۇپ بولغاندا قايتا سىناش مېخانىزمى.
    ئەگەر ئېلاننىڭ يۈكلىنىشى مەغلۇپ بولسا، سىستېما ئاپتوماتىك ھالدا قايتا سىناپ، ئېلاننىڭ نورمال كۆرسىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

    6. خۇلاسە
    رىغبەتلەندۈرۈش ۋىدىئو ئېلانى بىر خىل قوش پايدا ئېلىش ئەندىزىسى بولۇپ،ئشلەتكۈچىلەر ئاددىي ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش ئارقىلىق ئۆزىگە لازىملىق ئىقتىدارنى ئىشلىتەلەيدۇ، ئەپچاق ئاچقۇچىلار بولسا ئېلان ئارقىلىق پايدىغا ئېرىشىدۇ.ئەپچاق ئاچقۇچىلار ئابونتلارنىڭ ئىشلىتىش تەسىراتىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، سودا قىممىتىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزەلەيدۇ. ئەگەر سىزمۇ ئەپچاق ياكى ئەپ دېتاللارنى تەرەققىي قىلدۇرماقچى بولسىڭىز، بۇ ئەندىزىنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ، بەلكىم سىزگە ئويلىمىغان ئۈنۈم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن !