标签: DeepSeek

  • ۋوردپىرىس يازما ھاسىللاش قىستۇرمىسى

    ۋوردپىرىس يازما ھاسىللاش قىستۇرمىسى

    مىنىڭ ۋوردپىرىسقا ئىشتىياق باغلاپ ئۇنى بۇنى قىلىپ كىلىۋاتقىنىمنى ئۈزچاتتا ياشاۋاتقان قادىي غوجاملارنىڭ ھەممىسى ئاساسەن بىلىشىدۇ…
    بۈگۈنمۇ ئۆزۈم ئىجاد قىلغان نەق شۇندا پەيزى قىستۇرمىدىن بىرنى تونۇشتۇرماقچىمەن،بۇ بولسا دېپسېكتىن پايدىلىنىپ ۋوردپىرىسقا ئاپتۇماتىك يازما يازىدىغان بىر ئوقەت،بۇنىڭدا بىز دېپسېك ئورگان تەرەپكە جىيكو ئىلتىماس قىلىپ ئىشلىتمىز…
    ئۈستىدىكى رەسىمدىكى كۆرسىتىلگەندەك سىز پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ api key نى كىرگۈزسىڭىزلا باشقا تەڭشەيدىغان يەلىرى يوق،قالدى يەرلىرىنى ئۆلچەملىك تەڭشەپ قويغان شۇ ھالەتتە چىقىدۇ؛
    ئاندىن يازما يىزىش بىتىگە كىرسەك ئەۋەدە بىر كونۇپكا پەيدا بولىدۇ شۇنى بىسىپ يازما تەلەپ قىلساق بولىدۇ،بىز بۇ يەردە يازمىنىڭ تىلىنى،ئۇسلۇبىنى ۋە خەت سانىنى تاللاپ بەلگىلەيەلەيمىز(ھازىر دۆلەت تىلى،ئۇيغۇر تىلى  قاتارلىقلارنى كىرگۈزۈپ قويدۇم)؛
  • دېپسېك قىتىۋالدىمۇ؟مۇنداق ھەل قىلىڭ

    دېپسېك قىتىۋالدىمۇ؟مۇنداق ھەل قىلىڭ

    چاغان مەزگىلىدە، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن AI چوڭ مودېلى Deepseek ئۈزۈل-كېسىل مودا بولدى، ئوچۇق مەنبەلىك، يۇقىرى ئىقتىدارلىق، ئادەتتىن تاشقىرى تۆۋەن مەشىق تەننەرخى بىلەن «AI ساھەسىدىكى پىندودو» دەپ ئاتالدى.

    Deepseek ئالقىشقا ئېرىشكەندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى زىيارەتچىلەر كۆپەيدى، بۇمۇ Deepseek مۇلازىمېتىرىغا غايەت زور بېسىم ئېلىپ كەلدى. شۇنداقلا Deepseek ئورگان تور بېكىتىدە «مۇلازىمېتىر ئالدىراش، كېيىن قايتا سىناپ بېقىڭ» دىگەندەك ئەسكەرتىشلەرنىڭ دائىم يۈز بىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بۇنداق چاغدا ئوتتەك ئىشتىياق بىلەن بىر ئىشلانى قىلىۋاتقانلارنىڭ قىزغىنلىقىغا سۇ سېپىلگەندەك بىر ئىش بولدى.

    بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، مەن ئۆتكەن بىر نەچچە كۈندە بىر خەزىنە دەرىجىسىدىكى قولايلىق دېتالنى بايقاپ قالدىم . ئۇ Deepseek نىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ چوڭ باش ئاغرىقى بولغان مۇلازىمىتىر ئالدىراش دىگەندەك مەسىلىسىنى ھەل قىلغان بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەرگە يىنىك ئىشلىتىش تەسىراتىنى ئىلىپ كىلىدۇ.

    ئىشلىتىش جەريانىدىكى تەسىراتىمغا ئاساسلانغاندا، بۇ دېتال DeepSeek-R1 671B نىڭ ئارىلاش نۇسخىسى بولۇپ، پارامېتىرى 671 مىليارد ( 671B ) غا يېتىدۇ، بۇ بىر «دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ مېڭە» گە باراۋەر بولۇپ، مۇرەككەپ ماتېماتىكا سوئاللىرى، پروگرامما تۈزۈش، ئۇزۇن تېكىستلارنى ئانالىز قىلىش قاتارلىق قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان ۋەزىپىلەرنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە توردا ئەمەلىي ۋاقىتتا ئىزدەش ۋە چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى قوللايدۇ، ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك.

    بۇ دېتالنىڭ كومپىيۇتىر نۇسقىسى،ئاندىرويىت ۋە ئالما تىلىڧۇن نۇسقىسى شۇنداقلا توربەت نۇسقىسى تولۇق بولۇپ قايسى نۇسقىسىغا ئىھتىياج بولسىڭىز شۇنى تاللاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ!

    DeepSeek,实时联网,支持深度思考和联网搜索;

    网页链接:

    https://www.wenxiaobai.com/chat/200006

     

    APP或桌面客户端下载:

    https://www.wenxiaobai.com/chat/downloadPage