«تىتاندىن قېچىش 2» ئىلمىي فانتازىيىلىك تۈرىدىكى بىرىنچى شەخس «第一人» تۈرىدىكى قارىغا ئېتىش ئويۇنى «تىتاندىن قېچىش» نىڭ رەسمىي داۋامى بولۇپ، يەنىلا Respawn ئويۇن شىركىتى ئىشلىگەن. كۆپ خىل قورال – جابدۇقلار، قىسقا ۋاقىت ئۇچالايدىغان ۋە سەكرىيەلەيدىغان راكېتا بوغچىسى ھەمدە برونېۋىك ھەيدەپ جەڭ قىلىش بۇ ئويۇننىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى، شۇنداقلا ئوينىغۇچىلار ھەۋەس بىلەن سۆزلەيدىغان ئويۇن ئالاھىدىلىكى.
ئۈستىدىكى سىن مەزكۇر ئويۇننىڭ تەشۋىقاتى ،بۇ ئويۇننى پىقىر ئىككى قىتىم باشتىن ئاياغ ۋەزىپىسىنى تۈگىتىپ ئويناپ بولدۇم،بۇ ئويۇننى كومپىيۇتىرغا چۈشۈرۈپلا ئوينىيالايسىز.
ئويۇننىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا قول كۆندۈرۈش مەشىقى چىقىدۇ،شۇنى تاماملاپ بولغاندا ئويۇن رەسمى باشلىنىپ سىز ئۈستدىكى ئاۋۇ يوغان ھەمرايىڭىزنىڭ يادرو باتارىيسىنى 5 كىلومىتىر ئارلىقتىكى دۈشمەننىڭ بازىسىدىن ئوغۇرلاپ ئەكىلىشىڭىز كىرەك،شۇنى تامالىيالىسىڭىز ئاندىن ئويۇننىڭ كىيىنكى باسقۇچىلىرىغا كىرەلەيسىز.بۇ ئويۇننىڭ ماشىنا ئادەمنىڭ ئىسمى بېتى بۇ سىزنى بىر ئۆمۈر قوغداشقا ۋەدە قىلغان..ئەمىسە ئىككىڭلارنىڭ ئويۇن سەپىرى ئوڭۇشلۇق بولغاي.