ۋوردپىرس ناھايىتى كۆلەملەشكەن بىلوگ دىتالى ، پۈتۈن دۇنيادا ۋوردپىرس ئارقلىق ياسلىپ چىققان توربەتلەر ئومۇمىي سانى 30% تىن ئاشىدۇ ، ئورگان تەرەپمۇ ۋوردپىرسنىڭ ئىشلتىلشچانلقى ۋە قوللنشچانلىقنى بارغانسىرى يۇقىرى كۆتۈرۈپ كىلىۋاتىدۇ…
مىنىڭ يازغان بىلوگ ئەپچىقىممۇ دەل مۇشۇ ۋوردپىرىس بىلوگىنى ئاساس قىلىدۇ،ئەپچاق ۋە بىلوگ توربىكەت بىرلىكتە مۈكەممەل بىرىكىپ ماڭماقتا…
ئۇنداقتا ۋوردپىرىس بىلوگ توربكىتىنى قانداق قۇرىمىز؟ ئەمىليەتتە بۇ بەك تەس ئىشمۇ ئەمەس ئاز قىسىم تورداشلار پەقەتلا ئۇچىرشىپ باقمىغان بولغاچقا ئاسان چۈشىنەلمەيدۇ ، شۇڭا تەپسىلىيرەك قىلىپ رەسىم ھالىتىدە قاچىلاش دەرىسى سۆزلىمەكچىمەن ، كەم قالغان يەرلەر بولسا ياكى چۈشنەلمىگەن ئورۇنلارنى ئاستىدكى ئىنكاس رايونىدا قالدۇرساڭلار بولىدۇ .
كىتەرلىك نەرسىلەر
مۇلازىمىتىر + تورنامى + SSL + ئىلخەت ؛
قاچىلاش جەريانى
بىز ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلنىلا قوللىنايلى : باۋتا سىستمسنى قاچلاپ بولغاندىن كىيىن دىتاللار تىزىملىكىگە كىرىمىز ،قاچىلاشنى ئۇقمىسىڭىز مۇنبىرىمىزدە ۋېدىئولۇق دەرىس يوللاندى ، بىر قېتىم كۆرسىڭىزلا ئۆگنىپ كىتەلەيسىز ، ئەسلى تىمىغا قايتىپ كەلسەك ۋوردپىرىس ئەسلى كودىنى قاچىلاشنىڭ ئەڭ ئاددى ئۇسۇلى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك بىرىنچى بولۇپ باۋتانىڭ سول تەرەپ تىزىملىكتىن 软件商店 دىگەننى تاللاپ ئاندىن 一键部署 دىگەن تۈرنى باسقاندىن كىيىن WordPress دىگەننىڭ ئەڭ كەينىدىكى 一键部署 دىگەننى باسىمىز …
كۆۋرىلىشقا بولىدۇكى ۋوردپىرىسنى قاچىلاپ ئىشلتدغانلار ناھايىتى كۆپ ، بۇنى ئەڭ ئۈستىدىكى ئورۇنغا تىزىلغىنىدىن كۆرۋلىشقا بولىدۇ ؛تورنام ئۇچۇرلىرىڭىزنى ۋە ساندان ئۇچۇرلىرىنى توغرا كىرگۈزۈپ كىيىنكى قەدەمگە ئۆتۈڭ ئەڭ يۇقىرى نەشىردىكى PHP نى قاچىلاپ ئىشلىتشڭىزنى تەۋسيە قىلىمەن ، تۆۋەن نەشىردىكلىردمۇ نورمال قاچىلىنىدۇ ، ئەمما نۇرغۇنلىغان قىستۇرمىلار ، ئۇسلۇبلار ھەتتا ۋوردپىرىسنىڭ ھەرخىل ئىغىز ئىقتدارلىرىمۇ يۇقىرى نەشىردىكى PHP نى قاچىلشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ .(بىزنىڭ بىلوگنىڭ ئارقا بەت قىستۇرمىسىمۇ شۇنداق)؛
بىز ئەمدى ۋوردپىرسنىڭ ئەسلى كودىغا ئىرشتۇق ئەمدى كودنى ئىجرا قىلىپ توربەت قۇرۇپ چىقىمىز . توربىتڭىزگە قانداق ئىسىم قويسىز بۇلارنى ئويلاشقاچ تۇرۇڭ . ئەلۋەتتە ئاخىرىدا توربەتنىڭ كىلشمىنى https شەكلىگە ئۆزگەرتىشنى ئۇنۇتماڭ .
ئەڭ ھالقىلىق باسقۇچ
توربەتنىڭ مۇھىت ھالىتىنى ۋوردپىرس بىلوگىغا خاس تەڭشىشىمىز كىرەك . بولمىسا كىيىن توربەتنى ماڭدۇرغاندا توربەت ئىچلمايدغان ئىشلار كىلىپ چىقىدۇ . بۇ نۇقتىنى تەڭشەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !!!
ئەمدى تورنامنى ئاچىمىز ، ئەگەر توربەتنى ئاچقاندىن كيىن قاچىلاش پىروگراممسى يۈرگىزلمىسە تورنامى ئاخىرىغا index.php/ دەپ كىرگۈزۈڭ ، ھىساپتا ئاچقان تور ئادىسىمىز : “https://blog.izdal.cn/index.php” شەكىلدە بولغاندا ئاپتۇماتىك ھالدا قاچىلاش پىروگىراممىسى ئىجرا بولىدۇ ، بۇيەردىن خەنزۇتىلىنى تاللايمىز ، ئاندىن ساندان ئۇچۇرىنى مۇقۇملاشتۇرىمىز . دىققەت ! بايا توربەت قۇرغان ۋاقىتتكى ساندان ئۇچۇرلىرىنى توغرا توشقۇزىشىمىز كىرەك بولمىسا ساندانغا ئۇلىنالمايدۇ ، ئۈستىدىكى ئۈچ قۇرنىلا تولدۇرساق بولىدۇ .
ئاخىرىدا توربەت ئىسمىنى ۋە ئېلىخەت ئادرسمىزنى ، پارولنى تولدۇرۇپ باشقۇرغۇچىلىق سالاھيەت قۇرۇپ چىقمىز .
شۇندا قىلىپ سىزمۇ بىر بىلوگ توربىكىتىنىڭ ئىگىسى بولدىڭىز!!!
blog.izdal.cn/74/