分类: تېلۋىزۇر قۇتىسى

كىنو قۇتىسى يىشىش ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھەقلىق ھەقسىز سىستىملار يوللىنىدۇ

  • 60 تىن ئارتۇق قۇتىنىڭ سىستىمىسى ۋە قاچىلاش ئۇسۇلى

    60 تىن ئارتۇق قۇتىنىڭ سىستىمىسى ۋە قاچىلاش ئۇسۇلى

    ئۇزۇندىن بىرى ئۆزۈم يىغىپ ساقلاپ قويغان ھەرخىل كىنو قۇتىسىنىڭ سىستىمىسىدىن 60 دىن ئارتۇق سىستىما جۇغلىشىپ قاپتۇ،قۇتىغا سىستىما قاچىلايدىغان ئۇستاملا ياكى ئۆز ئۆيىدىكى كىنو قۇتىسىغا سىستىما يىزىپ باققۇسى بار ھەۋەسكارلارغا تەۋسىيە قىلىمىز،ھەر بىر سىستىمىنىڭ ئىچىدە شۇ قۇتىغا مۇناسىۋەتلىك رەسىم ۋە خەتلىك چۈشەندۈرۈش با،ھەممىنى بىر بىرلەپ يوللاي دىسەم نۇرغۇن ۋاقتى كىتىدىكەن،شۇڭا ھەممىنى بىراقلا يوللۇدۇم !

    سىستىمىلارىڭ ھەممىسى بىر ھۆججەت ئىچىدە ،سىتىۋالغاندىن كىين مۇشۇ 60 دىن ئارتۇق سىستىمىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئۇلانمىسىغا ئىرىشەلەيسىز !

  • ھۆنەر: hg680-mc قۇتىسىنىڭ سىستىمىسى ۋە يىزىش ئۇسۇلى

    دوسلار ياخشىمۇ سىلەر،بۈگۈن سىلەرگە ئۆزۈم سىناپ قاچىلاپ مۇۋاپىقيەتلىك بولغان بۇ ئۇسۇلنى ۋە سىستىمىسىنى ئىلىپ كەلدىم،ئالدى بىلەن شۇنى ئەسكەرتىپ قوياي،قۇتىغا سىستىما قاچىلاشتىن بۇرۇن ئوبدان ئويلىنىپ قاچىلاڭ،سىستىما قاچىلىنىپ بولغاندا ئەسلىدىكى سىستىمىغا قايتمايدۇ.

    ئالدى بىلەن قۇتىڭىزنىڭ تىپىنى تەپسىلى تەكشۈرۈڭ،چوقۇم مۇشۇ HG680-MC تىپلىق قۇتا بولىشى كىرەك،باشقا قۇتىلارغا ماس كەلمەيدۇ؛

    يىدوڭ نۇسقا hg680-mc قۇتىسىنىڭ سىستىمىسى ۋە يىزىش ئۇسۇلى

    ئاندىن سىز تەييارلىغان بارماق دىسكا چوقۇم 8 جى سىغىمدىكى بارماق دىسكا بولىشى كىرەك ھەمدە ntfs ھالەتتە فورماتلانغان بولىشى كىرەك؛8 جى سىغىمدىن ئىشىپ كەتكەن ۋە باشقا ھالەتتە فورماتلانمىسا مۇۋاپىقيەتلىك بولمايدۇ؛

     بىرىنجى قەدەمدە بارماق دىسكىنىڭ غول مۇندەرىجىسىگە چۈشۈرۋالغان سىستىمىنى يىشىپ MstarUpgrade.bin  ناملىق ھۆججەتنى كۆچۈرىمىز.

    يىدوڭ نۇسقا hg680-mc قۇتىسىنىڭ سىستىمىسى ۋە يىزىش ئۇسۇلى

    ئىككىنجى قەدەمدە: كۆچۈرۈپ بولۇنغاندىن كىيىن بارماق دىسكىنى قۇتىغا چىتىپ قۇتىنىڭ كەينىدىكى مەنبە كونۇپكىسىنى بىسىپ قۇتىنى ئۆچۈرۈڭ،ھەمدە تىزگىنەكنىڭ ئاۋاز يۇقىرلىتىش كونۇپكىسىنى بىسىشقا تەييارلىق قىلىپ تۇرۇڭ؛

    ئۈچۈنجى قەدەمدە قۇتىنىڭ توك مەنبە كونۇپكىسىنى بىسپ قوزغىتىسىز ھەمدە شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە قۇتىنىڭ ئاۋازيۇقىرىلىتىش كونۇپكىسىنى ئارقىمۇ ئارقا بىسىپ تاكى قۇتىدا تۆۋەندىكى رەسىمدىدەك چىققانغا قەدەر باسىسىز؛

    يىدوڭ نۇسقا hg680-mc قۇتىسىنىڭ سىستىمىسى ۋە يىزىش ئۇسۇلى

    مۇشۇنداق ھالەتتە چىقسا قۇتىغا نورمال سىستىما قاچىلىنىۋاتقان بولىدۇ،ھەمدە ساقلاپ تۇرسىڭىزلا سىستىما قاچىلىنىپ ئۆزى قوزغىلىدۇ؛يۇقارقى سىستىمىنىڭ سۈكۈتتىكى ئىكرانى داڭبى ئىكرانى بولۇپ نۆۋەتتە مودا بولىۋاتقان ئىكراندۇر؛

    سىز مۇشۇ قەدەمگىچە كىلەلىگەن بولسىڭىز مۇبارەك بولسۇن،قۇتىڭىزغا ھەرخىل سىستىمىلارنى قاچلاپ ئىشلەتسىىز بولىدۇ؛