分类: ھۆنەر
بۇ تۈرگە ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن ھۆنەرلەر يوللىنىدۇ
-
رەسىمچى دەمتۇقا بۇنى….
مەلۇم بىر خىرىدارنىڭ تەلىپى بىلەن ئەي ئاي دىن پايدىلىنىپ رەسىم ھاسىللاش ئىقتىدارىدىن بىژنى ئەپچاققا قوشماقچى بولدۇم شۇنداقلا تەمىنلىگەن ئىغىزغا چوقۇم ئىنگىلىسچە خەت يازغاندا ئاندىن رەسىم ھاسىللاپ بىرەلەيدىغانلىقىنى بىلدىم،قانداق بىر تەرەپ قىلىش كىرەك؟ ھەل قىلىشنىڭ ئاددىي چارىسى شۇ ئاۋال ئۇيغۇرچىنى ئەجنەبىيلەرنىڭ تىلىغا تەرجىم قىلىپ بولغاندىن كىيىنكى نەتىجىنى رەسىم ھاسىللاش ئىغىزىغا ئەۋەتىش~ مەسىلە شۇنىڭ بىلەن ھەل بولدى…خىلى ئەقىللىقكەنمە ھە مەن شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىقتىدارنىڭ ئىسمىنى رەسىمچى دەمدۇق؟ ئىنكاس رايونىدا ئۇنى بۇنى دىيشىپ باقىلى…. -
قالتىس بىر تۈر قانداق تاماملىنىدۇ
خېرىدار مۇشۇ دەريادىن ئۆتەلەيدىغان كېمە بولسىلا بولىدۇ مەھسۇلات دېرىكتورى بىز تۆۋەندىكىدەك ھەل قىلىش چارىسى تەمىنلىيەلەيمىز شۇنىڭ بىلەن باش ئېنجىنىر تۈر تەلىپىنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ، تۈر خەرىتىسىنى تەييار قىلدى تۈر ئېچىش دېرىكتورى تۈرنى كونكىرت پارچىلاپ بۆلەكلەرگە بۆلۈپ چىقتى تېخنىكا دېرىكتورى باھالاش ئارقىلىق بۇ تۈرگە 1.5 يىل ۋاقىت كىتىدىغانلىقىنى ئىيىتتى لوبەن «بازار بىزنى ساقلاپ تۇرمايدۇ، ئاۋۋال نېمىلا بولسۇن بىر نىمە ئېلان قىلايلى، كېيىنكى نەشىرلىرىدە ئەلالاشتۇرۇش ئېلىپ بارىمىز.» ئاچقۇچىلار ئەتىرىتىگە 1 ئاي ۋاقىت بېرىمەن، ئىشنى چوقۇم تاماملىشىڭلار كىرەك. شۇنىڭ بىلەن ئاچقۇچىلار ئەتىرىتى لايىھەنى قايتىدىن تۈزۈپ، كود يېزىشنى باشلاپ كەتتى سىناش ئەتىرىتى دەسلەپكى قەدەملىك سىناش باسقۇچىغا كىرىشتى سىناش ئەتىرىتى ئاخىرقى قەدەملىك سىناش باسقۇچىغا ئۆتتى تۈر ئاخىرى مۇۋەپپەقيەتلىك ھالدا پۈتۈپ ئېلان قىلىندى تۈر رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ يۈرۈشۈشكە باشلىدى لىكىن جاپا تۈرنى ئاسراش، يۈرۈشتۈرۈشكە مەسئۇل ئەترەتكە قالدى بازار ئېچىش بۆلۈمى سىرتقا قارىتا بۇ تۈرنىڭ مۇۋەپپىقىيىتىنى تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى شۇنىڭ بىلەن قالتىس بىر تۈر تاماملاندى. ◇◇◇ Follow LearnFans -
ئەپچاقتا كىرىمىڭىز ئازلاپ قىلىۋاتامدۇ؟
ئۈندىدار ئەپچىسى ئاچقاندا ،ئابونىتلارنىڭ ئىشلىتىش جەريانىدىكى ھىس تۇيغۇسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە، قانداق قىلىپ مۇشۇنىڭ ئۆزىدىن قىممەت يارىتىش مەڭگۈلۈك بىر تېما!بۈگۈن بىز بىر بۆلەك كود ئارقىلىق ئىشلەتكۈچىنىمۇ بىزار قىلمايدىغان ،ھەمدە ئەپچاق ئىگىسىگىمۇ كىرىم بولىدىغان ئۇسۇلنىڭ، سېرلىق چۈمبىلىنى ئاچىمىز!
1. ئىقتىدار ئارقا كۆرۈنۈشى
نۇرغۇن ئۈندىدار ئەپچاقلاردا قىسمەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئىقتىدارلارنى ئابونتلار ھەق تۆلىشى ياكى ئالاھىدە ۋەزىپىلەرنى تاماملىغاندىلا ئاندىن نورمال ئىشلەتكىلى بولىدۇ.بۇنىڭ ئىچىدە رىغبەتلەندۈرۈش ئېلانى كۆپ ئۇچرايدىغان قۇلۇپنى ئېچىش ئۇسۇلى ،بۇنىڭدا ئىشلەتكۈچىلەر بىر بۆلەك سېنلىق ئېلاننى تولۇق كۆرۈش ئارقىلىق ئىقتىدارنى ھەقسىز ئىشلىتىش پۇرسىتىگە ئىرىشەلەيدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل ھەم ئابونتلارنىڭ ئىشلىتىش شەرتىنى تۆۋەنلىتىدۇ، ھەم ئاچقۇچىلارغا ئېلان پايدىسى ئېلىپ كېلىدۇ.
2. تېخنىكىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇش
1. بۇفېرنى تەكشۈرۈش مېخانىزمى (查询缓存) ئارقىلىق ئىشلەتكۈچى ئەپچاقنى ئاچقاندا، سىستېما شۇ ئابونىتنىڭ ئۈسكۈنىسىدىكى بۇفېرلىق ساقلىغۇچتا، قۇلۇپ ئېچىش بەلگىسىنىڭ (shareMD)مەۋجۇت ياكى مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى تەكشۈرىدۇ. ئەگەر ئىشلەتكۈچى ئىلگىرى ئېلان كۆرۈش ئارقىلىق مەزكۇر ئىقتىدارنى ئىشلەتكەن بولسا ھەمدە تېخى باشقۇرغۇچى يول قويغان ۋاقىت ئىچىدە بولسا، يۇقارقى ئىقتىدارنى بىۋاسىتە كۆرسىتىدۇ؛ بولمىسا، قۇلۇپنى ئېچىش كۇنۇپكىسىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئىشلەتكۈچىنى ئىلان كۆرۈشكە يىتەكلەيدۇ.checkShareMD() {
const shareMD = uni.getStorageSync('shareMD');
this.shareMD = shareMD || 0; // 更新 shareMD 状态
}
3.رىغبەتلەندۈرۈش ئېلانى
ئۈندىدار ئەپچىسى تەمىنلىگەن createRewardedVideoAd API ئارقىلىق،ئەپچاق ئاچقۇچىلار ئۆزىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈش ئىلانىنى قۇرسا بولىدۇ.
ئاستىدا بىرىلگەن كود بۆلىكىدىكى ئىقتىدارلار تۆۋەندىكىچە:ئېلان يۈكلەنگەندىن كىيىنكى ئىنكاس.
ئېلان يۈكلەش مەغلۇپ بولغاندىن كىيىنكى خاتالىقنى بىر تەرەپ قىلىش.
ئىشلەتكۈچىنىڭ ئىلاننى مەجبۇرى تاقىۋەتكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىش لوگىكىسى.
videoAd.onClose((res) => {
if (res && res.isEnded) {
uni.setStorageSync('shareMD', 1); // 解锁功能
this.shareMD = 1; // 更新状态
uni.showToast({ title: '解锁成功' });
} else {
uni.showToast({ title: '请完整观看广告' });
}
});
4. ۋاقىت بۆلىكى خاتىرىسى
ئشلەتكۈچىلەرنىڭ قۇلۇپنى ئاچقاندىن كىيىنكى ۋاقتىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئۈچۈن، كودتا يەنە ۋاقىت بۆلىكىنى خاتىرىلەش ئىقتىدارى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. ھەر قېتىم ئىشلەتكۈچى قۇلۇپنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاچقاندىن كېيىن، سىستېما نۆۋەتتىكى ۋاقىتنى خاتىرىلەپ، كېيىنكى سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىشقا قولايلىق يارىتىدۇ.getCurrentTimestamp() { return new Date().getTime(); }
5. ئىشلەتكۈچىلەرگە ياخشى تەسىر بىرىش.
ئېلان يۈكلەش مەغلۇپ بولغاندا ياكى ئىشلەتكۈچى ئېلاننى تولۇق كۆرمىگەندە، uni.showToast ئەسكەرتمىسى ئارقىلىق ئىشلەتكۈچىنى ئەسكەرتىپ، ئىشلەتكۈچىنىڭ گاڭگىراپ قېلىشىدىن ساقلىنىدۇ.
بۇفېرلىق ساقلاش مېخانىزمى.
ئشلەتكۈچىلەر ئېلاننى پەقەت بىر قېتىم كۆرسىلا ،قۇلۇپنى باشقۇرغۇچى يول قويغان ۋاقىت ئىچىدە ئاچقىلى بولىدۇ، بۇ ئشلەتكۈچىنىڭ ئىشلىتىش تەسىراتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
مەغلۇپ بولغاندا قايتا سىناش مېخانىزمى.
ئەگەر ئېلاننىڭ يۈكلىنىشى مەغلۇپ بولسا، سىستېما ئاپتوماتىك ھالدا قايتا سىناپ، ئېلاننىڭ نورمال كۆرسىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.6. خۇلاسە
رىغبەتلەندۈرۈش ۋىدىئو ئېلانى بىر خىل قوش پايدا ئېلىش ئەندىزىسى بولۇپ،ئشلەتكۈچىلەر ئاددىي ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش ئارقىلىق ئۆزىگە لازىملىق ئىقتىدارنى ئىشلىتەلەيدۇ، ئەپچاق ئاچقۇچىلار بولسا ئېلان ئارقىلىق پايدىغا ئېرىشىدۇ.ئەپچاق ئاچقۇچىلار ئابونتلارنىڭ ئىشلىتىش تەسىراتىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، سودا قىممىتىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزەلەيدۇ. ئەگەر سىزمۇ ئەپچاق ياكى ئەپ دېتاللارنى تەرەققىي قىلدۇرماقچى بولسىڭىز، بۇ ئەندىزىنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ، بەلكىم سىزگە ئويلىمىغان ئۈنۈم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن ! -
مەسىلنى ھەل قىلىش : باۋتا توغرىسىدىكى كۆپ ئۇچرايدىغان مەسلىلەر
كۆپ ھاللاردا ۋىيشىندا ياكى توپتا جىق سورۇلدىغان باتا توغرىسىدىكى سۇئالنىڭ بىرسى :
-ئاداش باۋتارىمنىڭ مىماسىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن قاندا قىلىمىزا؟
-ئاداش باۋتارىمنىڭ 端口 سىنى بىر ئۆزگەرتكىنىمنى بىلىمە ھىچ ئىچىلمايدۇ،توربەت ئەپچاقلىرىم نورمال بوممىسا قاندا قىلىمىزا؟
-ئاداش…………………….
پىقىر بۈگۈن مەخسۇس مۇشۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش توغرىسدا مۇشۇ بىژمىنى يىزىپ ئولتۇردۇم،خوش مەزمۇن يارىغان بوسا ئەڭ ئاستىدا زەنشاڭ قىلدىغان يىرى با ڧۈشىتتىدە نىم قىۋتەمىز…..
مۇشۇنداق ئەۋاللاردا ئەنسىرەپ كەتمەي ئەڭ ئاۋال مۇلازىمىتىر سودىگىرىنىڭ ئورگان تورىغا كىرىمىز(مەسىلەن مەن ھازىر تىڭشۈننىڭكىنى كۆرسىتىمەن)….
كۆرەپ تۇرىۋاتقنىڭىزدەك كونتىرول مەركىزىدىن ئۆزىڭىزنىڭ مۇلازىمىتىرنىڭ ئۇچۇرىنى كۆرەلەيسىز ھەم ئاستىدا ئورتاق تىلدا دىڭلۇ (كىرىش)دەپ بىر خەت با شۇنى باسىمىز؛(ناۋادا مىشەدىكى مىمانى بىلمىسىڭىز ئۈندىدارغا ئايرىم قوشسىڭىز ھەقلىق ياردەم قىلىمەن،چۈنكى پىقىرنىڭمۇ قورسىقى كۈندە ئۈچ قىتىم ئاچىدۇ)بۇنى باسقاندا پارول تەلەپ قىلىدۇ،پارولنى توغرا كىرگۈزۈپ نىم قىغاندىن كىيىن بىر بۇيرۇق تاختىسى كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولىدۇ؛
sudo bt
ئاشۇ بۇيرۇق تاختىسىغا ئۈستىدىكى بۇيرۇق كودىنى كىرگۈزگەندىن كىيىن ئاستىدىكى رەسىمدىكىدەك بىژمە پەيدا بولىدۇ؛
بۇ تاختىدىكى خەتلەنى مەن ئوقۇپ بەمىسامما ھەممىڭلا چۈشەندىڭلا بۇ يىرى بەك ئاسان پەقەت نىمىش قىماقچى بوساق شۇ ئىش تەۋە بوغان سان ھەرىپنى كىرگۈزۈپ ئىنتىر(بۇيرۇق) كونۇپكىسىنى باسساقلا تاماملىنىدۇ؛
مەسىلەن: مەن ھازىر باۋتانىڭ دىڭلۇ قىلىدىغان جاڭخاۋنى قايتا بىكىتمەكچى بولسا بۇيرۇق تاختىسىغا 6 رەقىمىنى كىرگۈزۈپ بۇيرۇق قىلىمەندە ئاندىن ماڭا ئاستىدىكىدەك ئۇچۇر قايتىدۇ؛
ئاندىن بىز بىكىتمەكچى بولغان جاڭخاۋنى كىرگۈزۈپ ئىنتىرنى باسقاندىن كىيىن بىز بىكىتكەن شۇ ئىسىم بىزنىڭ جاڭخاۋرىمىز بولۇپ ئۆزگىرىدۇ،كىيىن شۇ جاڭخاۋنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ؛باشقا بۇيرۇقلارمۇ مۇشۇ تەرتىپتە بولىدۇ؛
ئەمىسە خوش
-
شىپىنخاۋدىكى شىپىننى چۈشۈرۈشنىڭ يىڭى بىرخىل ئۇسۇلى
مۇنداقلا باشلاي~
ئاۋال سالوننىڭ ئارقا بەتنى ئاچىمىز،ئاندىن تور كۆرگۈچنىڭ ئاچقۇچىلار ھالىتىنى قوزغىتىپ تەھرىرلىگۈچكە شىپىنخاۋ ئەكىرىمىز
ئاندىن مەن ئىستىرىلكىدا كۆرسەتكەن ئاۋۇ ئىلتىماس ئىغىزىنى ئىچىپ قارايمىز
ئاندىن ئاستىدىكى ئاۋۇ URL دىگەندىكى ئۇلانمىنى كۆچۈرۈپ تور كۆرگۈچكە سالىمىز،شىپىن قويۇلىدۇ شۇ يەردىن چۈشۈرۋالساق بولىدۇ~
خوش بۇغۇ ئۆزىمىزنىڭ شىپىنخاۋسدىكى شىپىنكەن، باشقا شىپىنخاۋدىكى شىپىننى قانداق چۈشۈرمىز؟
دىققەت بىلەن قاراڭ،تەرتىپ يەنە باياتىنقىدەك لىكىن بىر يىرى ئوخشىمايدۇ
ئاۋۇ ئىزدەش رايونى چۈشۈرمەكچى بولغان شىپىننىڭ شىپىنخاۋ ئىسمنى كىرگۈزىمىز
مانا ئىلتىماس يوللانغاندىن كىيىنكى ئىغىزدا ئاۋۇ بىر قاتار شىپىنلارنىڭ تىزىملىكى كۆرۈندى،بىز ئۈستىدە دىيىلگەندەك ئادرىسنى كۆچۈرۈپ ئىلىپ چۈشۈرسەك بولىدۇ
ئى
-
كومپىيۇتىر ۋىرۇسىنىڭ تارىخى ھەققىدە
ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﯞﯨﺮﯗﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﯩﺰ؟
2004-ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎﺯﺩﺍ «ﺯﻩﺭﺑﻪ ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﻰ» ﺩﻩﭖ ﻧﺎﻡ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﯞﯨﺮﯗﺱ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯜﺯ ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﯞﻩ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻠﯩﻚ ﺗﻮﺭﻻﺭﻏﺎ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺗﺎ ﮪﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺗﯜﮔﯩﮕﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ.
ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ «ﺯﻩﺭﺑﻪ ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﻰ»ﺩﯨﻦ ﺋﻪﻣﺪﯨﻼ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﻮﯕﺸﺎﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﯩﻐﺎ، 2005-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻪﺗﯩﻴﺎﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺯﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﯩﺪﺍ «ﺗﻪﯞﺭﻩﻧﻤﻪ ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ» ﺩﻩﭖ ﻧﺎﻡ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﯞﯨﺮﯗﺱ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﺗﻮﺭﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻣﯩﻘﻴﺎﺳﯩﺪﺍ ﺗﯧﺰﻻ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺧﻪﯞﻩﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻳﻪﺭﺷﺎﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯜﭼﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﭗ، ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ.
ﻣﻪﻳﻠﻰ «ﺯﻩﺭﺑﻪ ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﻰ» ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻳﺎﻛﻰ «ﺗﻪﯞﺭﻩﻧﻤﻪ ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ» ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﮪﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﯞﯨﺮﯗﺱ ﭘﺎﺭﺗﯩﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﮪﻪﺭ ﺳﺎﮪﻪ، ﮪﻪﺭ ﻛﻪﺳﯩﭙﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﭘﺎﻳﭙﯧﺘﻪﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ، ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ، ﺑﯘ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﺎﻏﺰﯨﺪﯨﻦ ﺳﯜﺕ ﭘﯘﺭﯨﻘﻰ ﻛﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﻤﻪﻧﻪ ﭼﺎﻗﭽﺎﻕ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯧﻨﯩﻘﻼﻧﺪﻯ، ﺑﯘ ﺋﻪﮪﯟﺍﻝ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﮪﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺋﻮﺳﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﯞﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗﻛﻰ، ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﺋﺎﺷﯘ ﺧﯩﻞ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﻧﯩﯔ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ، ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺩﯦﺘﺎﻟﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻼﺭﺩﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﺎ، ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﺎ ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ، ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﭽﺎﻥ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺗﻪﻗﻠﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺳﯩﻴﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮪﻪﻣﺪﻩ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﮪﯚﺟﺠﻪﺕ ﯞﻩ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭﮔﻪ ﺩﻩﺧﻠﻰ ﺗﻪﺭﯗﺯ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺑﯘﺯﻏﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﻣﯚﻟﭽﻪﺭﻟﯩﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ.
ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﯞﯨﺮﯗﺳﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ، ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﻧﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﺪﯗ.
ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ، 1945-ﻳﯩﻠﻰ ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﭽﯩﺴﻰ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﻳﻮﮪﺎﻥ.ﻓﻮﻥ ﻧﻮﻳﯩﻤﺎﻥ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﯞﯨﺮﯗﺱ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻻﮪﯩﺰﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ، ﺑﯘ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﻧﯩﯔ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺷﻪﻛﻠﻰ EMACﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻳﯩﻞ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯩﺪﻯ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﻪﺳﯩﮕﻪ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻗﻠﻰ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺘﺘﻰ، ﺷﯘﯕﺎ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﮪﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻴﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ.
ﯞﯨﺮﻭﺱ ﺋﯘﻗﯘﻣﻨﯩﯔ ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﺷﻰ 1975-ﻳﯩﻠﻰ ﺟﻮﻥ ﯞﺍﻟﻜﯩﺮ «ﮪﺎﻳﯟﺍﻥ» ﺋﻮﻳﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻼﮪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﻯ، ﺋﻮﻳﯘﻥ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﮪﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﯘ ﺋﻮﻳﯘﻧﻨﻰ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻧﺪﺍ Peravadeﻧﯩﯔ ﻣﯘﻧﺪﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ ﺋﯚﺯﻟﯜﻛﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ ﺑﺎﺭﺍﺗﺘﻰ. ﯞﺍﻟﻜﯩﺮ UNIVACﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻻﻳﯩﮭﯩﻠﯩﮕﯜﭼﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯚﺯﻯ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ ﺑﯘ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘﺯﻏﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﯩﺸﯩﻨﻪﺗﺘﻰ.
ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯩﺶ ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﮪﻪﭘﺘﻪ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭ، UNIVACﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻏﯘﭼﻰ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﺩﺍ «ﮪﺎﻳﯟﺍﻥ» ﺋﻮﻳﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮪﻪﻡ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ، ﺳﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻳﺪﯗ. ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ UNIVACﻳﯧﯖﻰ ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻣﯘﻧﺪﻩﺭﯨﺠﻪ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، Peravadeﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺗﺘﯩﻦ ﺗﻮﺧﺘﺎﻳﺪﯗ، ﺑﯘ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﺎ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻜﯩﮕﻪ ﮪﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺟﻪﯓ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
1983-ﻳﯩﻠﻰ UNIXﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯧﻦ ﺗﻮﻣﭙﺴﻮﻥ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﻧﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﯨﺪﻩ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺪﯗ، ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻼﺵ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﺪﺍ ﺋﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﮪﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻨﻰ، ﻳﻪﻧﻰ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﯞﯨﺮﻭﺳﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯧﭽﯩﺸﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ، ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺩﺍﯓ ﻗﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ، ﺑﯧﻞ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯚﭼﻠﯜﻛﻰ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺳﻪﮪﻨﯩﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﯞﻩﺗﻜﯜﺳﻰ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.
ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﻪﻗﻠﻰ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﯩﻨﻰ، «ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻼﺭ» ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﮊﯗﺭﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯘ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺑﻪﺕ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻯ ﺩﯗﺗﯩﻦ «ﻣﺎﮔﻨﯩﺖ ﺋﯚﺯﻩﻙ ﺟﯧﯖﻰ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪﻩ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺩﻭﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﻪﺭﺳﯩﻼ ﮪﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﺯﯛﺵ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﮪﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﺟﯧﯖﯩﻨﻰ ﺋﺎﭼﺎﻻﻳﺪﯗ، ﺩﻩﭖ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯧﻨﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ 1983-ﻳﯩﻠﻰ 11-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 6-ﻛﯜﻧﯩﻨﻰ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺳﺎﻧﺎﺋﯩﺘﻰ ﺳﺎﮪﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﺷﻜﻪ ﺋﻪﺭﺯﯨﻴﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯜﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻛﺎﺭﻭﻟﯩﻨﺎ ﺷﺘﺎﺗﻠﯩﻖ ﺩﺍﺷﯚﻧﯩﯔ ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ ﺋﺎﺳﭙﯩﺮﺍﻧﺘﻰ ﻓﯧﺮﯨﺪ ﻛﻮﻓﯧﯩﻦ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯜﺭﮔﯩﻠﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘﺯﻏﯘﻧﭽﻰ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻨﯩﯔ ﻛﻮﺩﯨﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﮪﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻨﻰ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﮔﻪﻥ، ﺋﯘ ﺑﯘ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﮔﺮﺍﻓﯩﻚ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻝ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﯞﯨﺮﯗﺱ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻨﯩﯔ ﮪﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﭖ، VAX11ﻛﻮﻣﭙﯩﻴﻮﺗﯧﺮﯨﺪﺍ ﮪﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺪﻩ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎﻥ، ﻛﻮﻓﯧﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻯ ﺋﺎﻧﺪﯨﺮﻟﯩﻤﺎﻥ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﺎ ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﯞﯨﺮﯗﺳﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ ﺩﻩﻳﺪﯗ.
ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﮪﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﯞﯨﺮﯗﺱ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺳﺎﮪﻪﺳﯩﮕﻪ ﺗﺎ ﮪﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﻗﯘﺗﯘﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﯜﺷﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ.ﭘﻪﻥ-ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﮊﯗﺭﻧﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ
-
ۋوردپىرىس بىلوگ توربكىتى ھەققىدە ۋە قۇرۇش ئۇسۇلى
ۋوردپىرس ناھايىتى كۆلەملەشكەن بىلوگ دىتالى ، پۈتۈن دۇنيادا ۋوردپىرس ئارقلىق ياسلىپ چىققان توربەتلەر ئومۇمىي سانى 30% تىن ئاشىدۇ ، ئورگان تەرەپمۇ ۋوردپىرسنىڭ ئىشلتىلشچانلقى ۋە قوللنشچانلىقنى بارغانسىرى يۇقىرى كۆتۈرۈپ كىلىۋاتىدۇ…
مىنىڭ يازغان بىلوگ ئەپچىقىممۇ دەل مۇشۇ ۋوردپىرىس بىلوگىنى ئاساس قىلىدۇ،ئەپچاق ۋە بىلوگ توربىكەت بىرلىكتە مۈكەممەل بىرىكىپ ماڭماقتا…
ئۇنداقتا ۋوردپىرىس بىلوگ توربكىتىنى قانداق قۇرىمىز؟ ئەمىليەتتە بۇ بەك تەس ئىشمۇ ئەمەس ئاز قىسىم تورداشلار پەقەتلا ئۇچىرشىپ باقمىغان بولغاچقا ئاسان چۈشىنەلمەيدۇ ، شۇڭا تەپسىلىيرەك قىلىپ رەسىم ھالىتىدە قاچىلاش دەرىسى سۆزلىمەكچىمەن ، كەم قالغان يەرلەر بولسا ياكى چۈشنەلمىگەن ئورۇنلارنى ئاستىدكى ئىنكاس رايونىدا قالدۇرساڭلار بولىدۇ .
كىتەرلىك نەرسىلەر
مۇلازىمىتىر + تورنامى + SSL + ئىلخەت ؛
قاچىلاش جەريانى
بىز ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلنىلا قوللىنايلى : باۋتا سىستمسنى قاچلاپ بولغاندىن كىيىن دىتاللار تىزىملىكىگە كىرىمىز ،قاچىلاشنى ئۇقمىسىڭىز مۇنبىرىمىزدە ۋېدىئولۇق دەرىس يوللاندى ، بىر قېتىم كۆرسىڭىزلا ئۆگنىپ كىتەلەيسىز ، ئەسلى تىمىغا قايتىپ كەلسەك ۋوردپىرىس ئەسلى كودىنى قاچىلاشنىڭ ئەڭ ئاددى ئۇسۇلى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك بىرىنچى بولۇپ باۋتانىڭ سول تەرەپ تىزىملىكتىن 软件商店 دىگەننى تاللاپ ئاندىن 一键部署 دىگەن تۈرنى باسقاندىن كىيىن WordPress دىگەننىڭ ئەڭ كەينىدىكى 一键部署 دىگەننى باسىمىز …
كۆۋرىلىشقا بولىدۇكى ۋوردپىرىسنى قاچىلاپ ئىشلتدغانلار ناھايىتى كۆپ ، بۇنى ئەڭ ئۈستىدىكى ئورۇنغا تىزىلغىنىدىن كۆرۋلىشقا بولىدۇ ؛تورنام ئۇچۇرلىرىڭىزنى ۋە ساندان ئۇچۇرلىرىنى توغرا كىرگۈزۈپ كىيىنكى قەدەمگە ئۆتۈڭ ئەڭ يۇقىرى نەشىردىكى PHP نى قاچىلاپ ئىشلىتشڭىزنى تەۋسيە قىلىمەن ، تۆۋەن نەشىردىكلىردمۇ نورمال قاچىلىنىدۇ ، ئەمما نۇرغۇنلىغان قىستۇرمىلار ، ئۇسلۇبلار ھەتتا ۋوردپىرىسنىڭ ھەرخىل ئىغىز ئىقتدارلىرىمۇ يۇقىرى نەشىردىكى PHP نى قاچىلشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ .(بىزنىڭ بىلوگنىڭ ئارقا بەت قىستۇرمىسىمۇ شۇنداق)؛
بىز ئەمدى ۋوردپىرسنىڭ ئەسلى كودىغا ئىرشتۇق ئەمدى كودنى ئىجرا قىلىپ توربەت قۇرۇپ چىقىمىز . توربىتڭىزگە قانداق ئىسىم قويسىز بۇلارنى ئويلاشقاچ تۇرۇڭ . ئەلۋەتتە ئاخىرىدا توربەتنىڭ كىلشمىنى https شەكلىگە ئۆزگەرتىشنى ئۇنۇتماڭ .
ئەڭ ھالقىلىق باسقۇچ
توربەتنىڭ مۇھىت ھالىتىنى ۋوردپىرس بىلوگىغا خاس تەڭشىشىمىز كىرەك . بولمىسا كىيىن توربەتنى ماڭدۇرغاندا توربەت ئىچلمايدغان ئىشلار كىلىپ چىقىدۇ . بۇ نۇقتىنى تەڭشەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !!!
ئەمدى تورنامنى ئاچىمىز ، ئەگەر توربەتنى ئاچقاندىن كيىن قاچىلاش پىروگراممسى يۈرگىزلمىسە تورنامى ئاخىرىغا index.php/ دەپ كىرگۈزۈڭ ، ھىساپتا ئاچقان تور ئادىسىمىز : “https://blog.izdal.cn/index.php” شەكىلدە بولغاندا ئاپتۇماتىك ھالدا قاچىلاش پىروگىراممىسى ئىجرا بولىدۇ ، بۇيەردىن خەنزۇتىلىنى تاللايمىز ، ئاندىن ساندان ئۇچۇرىنى مۇقۇملاشتۇرىمىز . دىققەت ! بايا توربەت قۇرغان ۋاقىتتكى ساندان ئۇچۇرلىرىنى توغرا توشقۇزىشىمىز كىرەك بولمىسا ساندانغا ئۇلىنالمايدۇ ، ئۈستىدىكى ئۈچ قۇرنىلا تولدۇرساق بولىدۇ .
ئاخىرىدا توربەت ئىسمىنى ۋە ئېلىخەت ئادرسمىزنى ، پارولنى تولدۇرۇپ باشقۇرغۇچىلىق سالاھيەت قۇرۇپ چىقمىز .
شۇندا قىلىپ سىزمۇ بىر بىلوگ توربىكىتىنىڭ ئىگىسى بولدىڭىز!!!
blog.izdal.cn/74/
-
ئۇنۋېرسال قويغۇچ كودى ،سالون،ۋاڭيىيۈن،دوۋيىن قاتارلىقلارنى قويىدۇ
بۇ بولسا سالون ڧىلىملىرى (wxv_123456789) ۋاڭيىيۈن شىپىن ئايدى (1012245) ۋە دوۋيىندىكى سىنلارنى قويۇپ بىرىدىغان ئۈچۈنجى تەرەپ تىپتىكى قويغۇچ كودى(ڧىلىم يىشىشتە باشقا جىكوغا تايىنىدۇ دىمەكچى )،ئىچىم پۇشۇپ يىزىپ قويغان،لازىم بوغانلا سىتىۋىلىپ ئىشلەتسەڭلا بولىدۇ !
بۇ قويغۇچقا يەنە تىلۋىزىيە قاناللىرىنى قوشۇپ قويغانتىم، مۇقىم مەنبە بولمىغاچ ئامال بولماي قالدى،لىكىن كود قىسمدا ئۆزۈڭلا ئازراق ئۆزگەرتىش ئىلىپ بارساڭلا بولىدۇ !
سالون قويغۇچ
https://pro.izhar.cn/izapi/play.php?izhar=wxv_3414415864249057283
ۋاڭيىيۈن قويغۇچ
https://pro.izhar.cn/izapi/play.php?id=10754320
دوۋيىن قويغۇچ
https://pro.izhar.cn/izapi/play.php?izhar=https://v.douyin.com/iYbpnBn8/
-
دوۋيىندا يۈرەك بەرگەن فىلىمنى توپلاپ ئۆچۈرۈش ئۇسۇلى
دوۋيىن كۆرگەندە ئۆزىمىز ياقتۇرغان ياكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دەپ قارىغان سىنلارنى يۈرەك بەلگىسىنى بېسىپ ساقلىۋالىمىز. ئەمما مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ساقلىۋالغان سىنلار كۆپىيىپ ياكى باشقا سەۋەبلەردىن بۇنى ئۆچۈرىۋىتىش ئېھتىياجى بولۇپ قالىدۇ. ئېلگىرى دوۋيىندىكى ئەگەشكەنلەرنى ۋە ساقلىۋالغان سىنلارنى بىر كۇنۇپكىدا بىكار قىلىش دېتالىنى كونا سالۇندا تارقاتقان ئەمما دوۋيىننىڭ نەشىرى بەك تېز يېڭىلانغاچقا ھازىر ئۇ دېتال ئىشلىمەيدۇ.شۇڭا بۈگۈن باشقا ياردەمچى دېتاللارغا تايانمىغان ئەھۋالدا دوۋيىننىڭ ئۆزىدىن پايدىلىنىپ يۈرەك بېسىپ ساقلىۋالغان سىنلارنى ئۆچۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز. ئاۋال ساقلىۋالغان سىن تىزىملىكىگە (喜欢) كېرىپ خالىغان بىرتال سىننى بېسىپ تۇرساق تىزىملىك چىقىدۇ، شۇنىڭ ئەڭ ئاستىدىكى 批量管理 دېگەن خەتنى باسىمىز.
بۇ ۋاقىتتا سىنلارغا تاللاش بەلگىسى پەيدا بولىدۇ، ئۆچۈرۋەتمەكچى بولغان سىنغا تاللاپ بەلگە قويۇپ بولغاندىن كېيىن ئاستىدىكى 删除 كۇنۇپكىسىنى باسساق، بەلگە قويۇلغان سىنلارنىڭ ھەممىسى بىراقلا ئۆچىدۇ.
بۇ ئۇسۇلدا بىر قېتىمدا 50 تال فىلىمنى تاللاپ ئۆچۈرگىلى بولىدۇ، گەرچە ئېلگىرىكى دېتالدەك قولايلىق بولمىسىمۇ لىكىن باشقا ياردەمچى دېتاللارغا تايانمايمىز، ھەم بىرمۇ بىر كۆرۈپ ئۆچۈرگەنگە قارىغاندا كۆپ ۋاقىت ھەم ئېقىم مىقدارىنى تېجىگىلى بولىدۇ.
سىناق قىلىنغىنى دوۋيىننىڭ 28.7.0 نەشىرى، ئەگەر دوۋيىنىڭىزدا توپلاپ ئۆچۈرۈش ئىقتىدارى كۆرۈنمىسە نەشىرىنى يېڭىلاڭ.
سالۇننى قوللاش يۈززىسىدىن ئاستىدىكى ئېلان بىلەن 在看 بەلگىسىنى بېسىپ قويۇڭ.
-
ئۇندىدار كىچىك ئەپچاققا ئۇيغۇرچە خەت نۇسقىسنى تونۇتۇش
ئۇندىدار كىچىك پىروگراممىسىدا خالىغانچە خەت نۇسقىسنى تونۇتۇش بۇرۇنلا ھەل بولغان بولسىمۇ يەنە يىڭى ئۈگەنگۇچى دوسلارنىڭ تەلىپىگە ۋە ئىھتىياجىغا ئاساسەن بۇگۇن بۇ تىمىدا ئۇيغۇرچە خەت نۇسقىسنى تونۇتۇش ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمەن . url خاسلىقىغا بىرۋاستە css خاسلىقى بولغان font-face@ نى بىرۋاستە بەرسەك قوللىمايدىغان بولۇپ , بىز خەت نۇسقىسنى كودلاش ئارقىلىق base64 شەكلىنى url ئادىرسىغا ئالماشتۇرۇپ ، ئاندىن كۆزلىگەن نىشانغا يىتەلەيمىز .
خەت نۇسقىسنى base64 شەكلى قىلىش ئۇسۇلى
بىرىنجى قەدەم : بىز ئىشلەتمەكچى بولغان ttf خەت نۇسقىسىنىڭ فورماتدىكى ھۆججىتىنى تەييار قىلۋالىمىز . مەسلەن مەن UKIJ Ekran.ttf نى تەييار قىلدىم .
ئىككىنجى قەدەم : http://transfonter.org بۇ تور بىكەتكە كىرىپ مەن ئۇستىدە تەييار قىلۋالغان UKIJ Ekran.ttf نى base64 كە كودلاش ئىلىپ بارىمىز.
ئۈچىنجى قەدەم : بىز قىزىل سىزىق بىلەن كۆرسىتىپ قويغان Add fonts دىگەن كونۇپكىنى بىسىپ ، بىز تەييارلاپ قويغان يەرلىتىكى خەت نۇسقىسنى تاللاپ بىرىمىز .
تۆتىنجى قەدەم : ئاستىدىكى Base64 encode دىگەن ئورۇننى ئېچىۋىتىمىز ، ھەم ئاستىدىكى TTF ۋە EOT نى تاللايمىز .
بەشىنجى قەدەم : بىز Convert دىگەن كونۇپكىنى بىسىپ كودلاش ئىلىپ بارىمىز .
ئاخىرىدا Download دىگەن خەت كۆرۇنگەندىن كىيىن بىسىپ چۇشۇرۋالىمىز .
ئەپچاققا فونىت تونىتۇش ئۇسۇلى
بىز چۇشۇرگەن بولاقنىڭ ئىچىنى ئىچىپ stylesheet.css دىگەن ھۆججىتى ئۆزىمىزنىڭ ئەپچاق مۇندەرىجىسىدىكى app.wxss دىگەن ھۆججەتنىڭ ئىچىگە قويساق بولىدۇ . ( تۆۋەندە رەسىمى بىرىلدى )
بۇنىڭدىن باشقا ئۇندىدار ئەپچاققا خەت نۇسقىسنى تونۇتۇش ئۇسۇلىرىمۇ بار ، بۇگۇن بۇ ئۇسۇلنى سىللەرگە سۇندۇق ~~
ئەگەر نۆۋەتتىكى يازمىنىڭ ئىچىدە ئىملا خاتالىقى ياكى تېخنىكا خاتالىقى بولسا تەكلىپ پىكىر بىرىشىنى سۆز قالدۇرۇپ قويۇشىڭلارنى ئۇمۇت قىلىمىز