ھازىر كومپيۇتېر ۋە يانفون سىستېمىلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئۇيغۇر تىلى بار، دېمەك ھەرقانداق ئۈسكۈنلەردە بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلى بار بولغانكەن، شۇنىڭغا ماس ھالدىكى ئۇيغۇرچە ۋە ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان دېتاللارنىڭ بولۇشىمۇ نورمال ئىش، شۇ ۋەجىدىن نورمال يۇنىكودلۇق بولغان دېتاللارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ سىستېمىمۇ ئۇيغۇرچە، دېتاللارمۇ ئۇيغۇرچە ھالەتنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇرچە سىستېما ۋە دېتاللارنى ئىشلىتىشنىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈش ئۈچۈن مەزكۇر دېتال ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى. Happyboy ئەپەندىم ئىزچىل يۇمشاق دېتال ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى ئۆزى بىر قوللۇق قىلىۋاتقان تىرىشچان كىشىلەرنىڭ بىرسى.
مەزكۇر دېتالنىمۇ نەچچە كۈن ۋاقىت چىقىرىپ ئەستايىدىل، ئۆلچەملىك تەرجىمە قىلىپ ھەرقايسى ئىشلەتكۈچىلەرگە سۇندى.
ئىجرا مۇھىتى: winxp/7/8/8.1/10/11
ھالىتى: تىزىملىتىلغان ئېلانسىز نۇسخا
دېتال ھەققىدە: مەزكۇر دېتال كومپيۇتېردا كەم بولسا بولمايدىغان ھۆججەتلەرنى پرېسلاش، پرېسسىزلاشقا ئىشلىتىدىغان قوللىنىشچان دېتاللارنىڭ بىرسى.
قاچىلاش ئۇسۇلى
دېتالنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن پرېسسىزلاپ يېشىلگەن قىسقۇچ ئىچىگە كىرىسىز. ئاندىن 双击我.BAT دېگەننى قوش چەكسىڭىزلا بولىدۇ.
ئالاھىدە ئەسكەرتىش: كومپيۇتېرىڭىزدا چوقۇم WinRAR دېتالى بولۇش كېرەك، يوق بولسا ئاۋۋال ئۆز تىلنى قاچىلاپ بولۇپ ئاندىن ماۋۇ ئۇيغۇرچىسىنى قاچىلايسىز.
ناۋادا نورمال قاچىلانمىسا ياكى خاتالىق چىقىۋالسا، كومپيۇتېرىڭىزغا قاچىلانغان ئەسلى winrar نىڭ ئورنى قەيەردە، شۇنى تېپىپ ئاشۇ قىسقۇچغا كۆچۈرۈپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ.
发表回复