ئۇندىدار كىچىك ئەپچاققا ئۇيغۇرچە خەت نۇسقىسنى تونۇتۇش

ئۇندىدار كىچىك پىروگراممىسىدا خالىغانچە خەت نۇسقىسنى تونۇتۇش بۇرۇنلا ھەل  بولغان بولسىمۇ يەنە  يىڭى ئۈگەنگۇچى  دوسلارنىڭ تەلىپىگە ۋە ئىھتىياجىغا ئاساسەن  بۇگۇن  بۇ تىمىدا  ئۇيغۇرچە خەت نۇسقىسنى تونۇتۇش ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمەن . url خاسلىقىغا بىرۋاستە css خاسلىقى بولغان font-face@ نى بىرۋاستە بەرسەك قوللىمايدىغان بولۇپ , بىز خەت نۇسقىسنى كودلاش ئارقىلىق base64 شەكلىنى url ئادىرسىغا ئالماشتۇرۇپ ، ئاندىن  كۆزلىگەن نىشانغا يىتەلەيمىز .

خەت نۇسقىسنى base64 شەكلى قىلىش ئۇسۇلى 

بىرىنجى قەدەم : بىز ئىشلەتمەكچى بولغان ttf خەت نۇسقىسىنىڭ فورماتدىكى ھۆججىتىنى تەييار قىلۋالىمىز . مەسلەن مەن  UKIJ Ekran.ttf نى  تەييار  قىلدىم .

ئىككىنجى قەدەم : http://transfonter.org بۇ  تور  بىكەتكە كىرىپ مەن  ئۇستىدە تەييار قىلۋالغان UKIJ Ekran.ttf نى base64 كە كودلاش ئىلىپ  بارىمىز.

ئۈچىنجى قەدەم : بىز قىزىل سىزىق  بىلەن  كۆرسىتىپ قويغان Add fonts دىگەن كونۇپكىنى بىسىپ ، بىز تەييارلاپ قويغان يەرلىتىكى خەت نۇسقىسنى تاللاپ بىرىمىز .

تۆتىنجى قەدەم : ئاستىدىكى Base64 encode دىگەن  ئورۇننى ئېچىۋىتىمىز ، ھەم ئاستىدىكى TTF ۋە EOT نى تاللايمىز .

بەشىنجى قەدەم : بىز Convert دىگەن كونۇپكىنى بىسىپ كودلاش ئىلىپ بارىمىز .

ئاخىرىدا Download دىگەن خەت  كۆرۇنگەندىن كىيىن بىسىپ چۇشۇرۋالىمىز .

ئەپچاققا فونىت تونىتۇش ئۇسۇلى

بىز چۇشۇرگەن بولاقنىڭ ئىچىنى ئىچىپ stylesheet.css دىگەن ھۆججىتى ئۆزىمىزنىڭ ئەپچاق مۇندەرىجىسىدىكى app.wxss دىگەن ھۆججەتنىڭ ئىچىگە  قويساق  بولىدۇ . ( تۆۋەندە رەسىمى بىرىلدى )

بۇنىڭدىن باشقا ئۇندىدار ئەپچاققا خەت نۇسقىسنى تونۇتۇش ئۇسۇلىرىمۇ بار ، بۇگۇن بۇ ئۇسۇلنى سىللەرگە سۇندۇق ~~

ئەگەر نۆۋەتتىكى يازمىنىڭ ئىچىدە  ئىملا خاتالىقى  ياكى تېخنىكا خاتالىقى بولسا تەكلىپ پىكىر بىرىشىنى سۆز  قالدۇرۇپ قويۇشىڭلارنى ئۇمۇت  قىلىمىز

评论

《“ئۇندىدار كىچىك ئەپچاققا ئۇيغۇرچە خەت نۇسقىسنى تونۇتۇش”》 有 1 条评论

  1.  的头像
    ㅤㅤㅤㅤㅤㅤㅤㅤㅤㅤㅤㅤㅤㅤㅤㅤ

    باشقا ئۇسۇلار بولسا ئۆگتىپ قۇيمامسىز توربەت ئەپچاق لاغا فونىت تۇنىتىش دىگەنلەنى رەھمەت

发表回复

您的邮箱地址不会被公开。 必填项已用 * 标注