ياخشىمۇ سىلەر كۆپچىلىك !
بۈگۈن سىلەرگە تەۋسىيە قىلىدىغان ئويۇنىمىز بولسا ئاخىرقى ھايات قالغۇچى 最后生还者 ئويۇنىنىڭ بىرىنجى بۆلۈمى !
ھېكايىدە ئىنسانلار نامەلۇم ۋىرۇس تەرىپىدىن يۇقۇملىنىپ ئىنسانلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كىتەي دەپ قالغان ۋاقىت ئاساسىي تېما قىلىنغان، لېكىن ئىلگىرىكى ئوخشاش تېمىدىكى ئويۇنلاردىن زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ. ئىككى باش پىرسۇناژنىڭ خاراكتېرى روشەن، ئۇلار ياشاش ئۈچۈن ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتمايدۇ. ئويۇندا گەرچە ئۆزگەرگەن غەلىتە مەخلۇقلار پەيدا بولغان، ھەمدە ئىنسانلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كىتىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولسىمۇ، لېكىن ئويۇندىكى جەڭلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئىنسانلار بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ.

بۇ ئويۇن كومپىيۇتىر ئويۇنى بولۇپ قانلىق ۋەقەلىك ۋە ئادەمنى قورقۇتىدىغان مۇردىلار چىقىدىغان بولغاچقا 18 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ چۈشۈرۈپ ئوينىشىغا ماس كەلمەيدۇ !
بۇ ئويۇننى سەپلىمىسى نورمال كومپىيۇتىرلار سۆرىيەلەيدۇ،سۈزۈكلۈكى ۋە ئويۇن ئالاھىدە ئۈنۈملىرى ئىنتايىن پەيزى!
ئاخىرىدا بىزنى قوللاپ نىم نىمىلەرنى بىسىپ قويۇڭ !
